خۇل لاگېرىنى بوشىتىشتىكى چوڭ خىيانەت: ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆز بويامچىلىق بىلەن ئىراق ۋە خىتاينىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويۇلدى!

سۇرىيەنىڭ ھەسەكە رايونىدا يىللاردىن بۇيان «ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەسى» ماسكىسى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خۇل لاگېرىنى بوشىتىش مۇساپىسى، پەردە ئارقىسىدىكى مەينەت سودىلارنى ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر خىيانەتنى ئاشكارىلىدى. ئىراقنىڭ 22 مىڭ كىشىنى «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» نامىدا ئۆز دۆلىتىگە يۆتكىگەن مەشغۇلاتىنىڭ، ئەسلىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۈركى ئۈچۈن ئاخىرى نامەلۇم بىر ئۆلۈم سەپىرى ئىكەنلىكى ئايان بولدى. بۇ سەتچىلىكنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق نۇقتىسى بولسا، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھىمايىچىسى دەپ قارايدىغان قۇرۇلمىلارنىڭ بۇ جەرياندىكى سۈكۈتى ۋە رازىلىقى بولدى.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىن «كۆز بويامچىلىق» مەشغۇلاتى

سۇرىيە ئارمىيىسىگە قاراشلىق 87-تۈمەن تەركىبىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە رايوندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (ت ئى پ)، تارىخقا قالىدىغان بىر گۇناھقا ئىمزا قويدى. كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تەشكىلات ئۇيغۇر دىياسپوراسى ۋە مەيداندىكى ئۇنسۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پەقەت سىمۋوللۇق، ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمىنىلا ئۆز سېپىگە قوشۇۋالغان.

بىراق، مەسىلىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى شۇكى: قالغان يۈزلىگەن قوغدىغۇچىسىز ئۇيغۇر تۈركى، نەك شۇ قۇرۇلمىنىڭ كۆز ئالدىدا، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئىراققا ئەۋەتىلگەن ئۆمەكلەرگە قوشۇۋېتىلدى. ئۆز قېرىنداشلىرىنى قوغداش كۈچى ۋە ئىمكانىيىتى تۇرۇپ، يۈزلىگەن ئائىلىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە بولۇشى ئېنىق بولمىغان تەقدىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشى «ئىستراتېگىيىلىك تاللاش» ئەمەس، بەلكى ئوچۇق-اشكارە تەسلىمىيەت دەپ سۈپەتلەنمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئامېرىكا بىلەن مەخپىي كېلىشىملەرنى تۈزگەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتى بىلەن خەلقئارالىق تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى «خىتاي-ئامېرىكا ئۆچمەنلىكىگە قارشى دۈشمىنىمىز ئورتاق» دېگەن چۈشەنچە بىلەن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ بۇيرۇقى ئاستىغا كىرىپ، تۈركىستان جىھادىدىن ۋاز كەچكەن. خەلقئارا تېررور تىزىملىكىگە قايتا كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە غەربكە دۈشمەن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلغان، دېموكراتىيە دىنىغا كىرىپ، دېموكراتىك سۆز-چۆچەكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇنداقلا سۇرىيەدە قۇرۇلغان دېموكراتىك دۆلەت «سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرىگە ئايلىنىپ، 87-تۈمەننى قۇرۇش ئارقىلىق ياللانما سۇرىيە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بولۇپ قالغان.

ئىراق تۈرمىلىرى: قىيناش، باسقۇنچىلىق ۋە ئۆلۈم ئۈچبۇلۇڭى

ئىراق دۆلەتلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سەئىد ئەل-جەيياشى «مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىنى» ئېيتقان بۇ بوشىتىش مۇساپىسى، ئەسلىدە بىر يوقىتىش مەشغۇلاتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدۇر. ئىراقتىكى تۈرمە شارائىتىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان تۇرۇپ؛ ئۇ يەرگە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۈتۈۋاتقان تەقدىر ئايادەك روشەندۇر.

رايوندىكى يەرلىك ۋە ئاخبارات مەنبەلىرى، بۇ ئەسىرلەرنىڭ ئىراقتىكى مەركەزلەردە سىستېمىلىق قىيناشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ باسقۇنچىلىق ۋە ئېغىر خورلاش تەھدىتى ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىراق ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئاخىرقى توختىغان جايى ئىراق بولمايدىغانلىق ھەقىقىتىدۇر.

ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «مەخپىي مەينەت كېلىشىم»

خەۋەرنىڭ ئەڭ زىل تەرىپى خەلقئارالىق بىر دىپلوماتىيە ھەرىكىتىگە تايانماقتا. پەرەزلەرگە قارىغاندا؛ ئامېرىكا، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدا مەخپىي بىر كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىراققا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرى مەلۇم مۇددەت «تەربىيىلەش» نامىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاستىرتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى مۇمكىن.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ بۇ جەريانغا سۈكۈت قىلىشى، ئامېرىكىنى خۇش قىلىش ۋە رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى خەۋپكە ئىتتەرمەسلىك تىرىشچانلىقى دەپ قارالماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ جېنى بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلغان بۇ سودىدا، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسەتلىرى بىلەن تونۇلغان خىتايغا ئەسىر تاپشۇرۇپ بېرىش، زامانىۋى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىشكە نامزاتتۇر.

«ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى» ماسكىسى يىرتىلدى: 32 ئۆمەكلىك خىيانەت

ئىراق رەسمىي ئاگېنتلىقى INA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5600 ئائىلىدىن تەركىب تاپقان 22 مىڭ كىشى، 32 ئايرىم ئۆمەك ھالىتىدە يۆتكەلگەن. جەيياشىنىڭ «تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلار بالىلارنى قوغداۋاتىدۇ» دېگەن باياناتى، مەيداندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمەس. ئەكسىچە، بۇ «تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلارنىڭ» قايتۇرۇپ بېرىش ۋە يوقىتىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ۋەزىپىگە قويۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خۇلاسىلىگەندە؛ سۇرىيەنىڭ شەرقىدىكى خۇل لاگېرى ئەمدى بىر دىپلوماتىيە قورالى بولۇشتىن قېلىپ، بىر «ئەسىرلەر بازىرى»غا ئايلاندى. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ خەتەرلىك ئويۇنىغا رازى بولۇشى ۋە يۈزلىگەن ئۇيغۇر تۈركىنى قىيناش ۋە ئۆلۈمنىڭ قوينىغا ئىتتىرىشى، رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى تۈپتىن سىلكىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ.

Doğu Türkistan Bülteni Haber Ajansı / HABER MERKEZİ

خۇللاگېرى, #ئۇيغۇرتۈركلىرى, #خىيانەت, #ئىراق, #خىتاي, #تۈركىستانئىسلامپارتىيىسى, #مەخپىيكېلىشىم, #ئامېرىكا, #ئىنسانھوقۇقى, #ئەسلىگەقايتۇرۇش, #ئەسىرلەربازىرى, #سۇرىيە, #ھەسەكە, #قىيناش, #ئىرقىيقىرغىنچىلىق, #ئۇيغۇردەۋاسى, #ئىنسانپەرۋەرلىكپاجىئەسى, #ۋەبال, #سىياسىيسودا, #تەسلىمىيەت

Ayrıca Kontrol Et

MİT Raporuna Rağmen: Doğu Türkistan İslam Partisi Terör Örgütü üyeliğinden Ceza

Türkiye’de Bir İlk: Mahkeme, MİT ve Dışişleri’nin ‘Terör Örgütü Değil’ Raporunu Görmezden Geldi! Ankara 6. …